UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكەرمان

كەرمان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كەرمان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، كەرمانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى دۈگىلەك تۈۋرۈكسىمان، ئازراق ئەگرى بولىدۇ، رەڭگى سارغۇچ خورما رەڭ، غولى تېگىدىن شاخلانغان بولۇپ، تىك ياكى قىيپاش ئۆسىدۇ، ئىنچىكە ۋە ئاجىز بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تۇخۇمسىمان دۈگىلەك ياكى تار تېمىنىسىمان بولۇپ، سېپى يوق، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ. باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، سېپى ئۇزۇن، گۈلى ئادەتتە كۆك ياكى سۇس جىگەر رەڭ ياكى ئاق رەڭدە بولىدۇ. مېۋىسى غوزا مېۋە، شەكلى تەتۈر يۈرەكسىمان، ياپىلاق، ئۇچى ئويمانراق بولىدۇ، گىرۋىكىدە تار قانىتى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، غولى ۋە يوپۇرماقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، گۈلى ئېچىلمىغان چاغدا چۆپىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە يايلاقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل ئىسسىق. تىنچلاندۇرۇش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، بەلغەمنى بوشىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام كەرماننى 12 گرام ئېگىر، 10 گرام ئارچا ئۇرۇقى، 20 گرام خام لۇڭگۇ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۈرەك سېلىش ۋە ئۇنتۇغاقلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام كەرماننى 12 گرام قوڭغۇراقگۈل، سەككىز گرام يۇلتۇزگۈل، 10 گرام سوغىگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۆتەل ۋە بەلغەم تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كەرمان، قوڭغۇراقگۈل، يۇلتۇزگۇل، ئېگىر، سوغىگۈلنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەلغەمنى بوشىتىپ، يۆتەلنى پەسەيتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كەرمان | UyghurWiki | UyghurWiki