UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۇمبۇل

سۇمبۇل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۇمبۇل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۇمبۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ؛ چاچما يىلتىزى كۆپ، غولى تىك، غولىدا ئۇزۇن سىزىقچىلىرى بار؛ يوپۇرمىقى ئۇزۇن ئۆسكەن، پەيسىمان تولۇق يېرىلغان بولۇپ، ئۇچىدىكى يېرىقچە يوپۇرمىقى چوڭراق، شەكلى ئۇزۇنراق سوقىچاق، ئىككى تەرىپىدىكى يېرىقچە يوپۇرماقچىلىرى كىچىكرەك، شەكلى تېمىنەسىمان، گىرۋىكىدە شالاڭ ھەرە چىشلىرى بولىدۇ. چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ھال ياكى سۇس سۆسۈن، مېۋىسى ئۇرۇق مېۋە، شەكلى ئۇزۇنچاق تۇخۇمسىمان، ئۇچىدا پەيسىمان تۈكچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە پۈتۈن چۆپى ۋە يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرى، ئورمان ئەتراپى، ئوتلاق ۋە دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. يەل تارقىتىش، قىزىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلاش، چىراينى سۈزۈكلەشتۈرۈش، پەي، نېرۋىلارنى كۈچەيتىش، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تۆت گرام سۇمبۇلنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەل، پۇت ئاغرىقى، قورساق ئاغرىقى، يىقىلىپ - ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش، يۈرەك سېلىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 125 گرام سۇمبۇل يىلتىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى 60% لىك ئىسپىرتقا چىلاپ، سۈزۈپ، يەنە ئۈستىگە 60% لىق ئىسپىرتتىن 500 ~ 800 گرام قوشۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 8 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، بەل، پۇت ۋە قورساق ئاغرىقى، ھەرخىل زەخىملىنىش، يۈرەك سېلىش ۋە نېرۋا ئاجىزلىقىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام سۇمبۇلغا 12 گرام ئەينۇلا، 10 گرام سېرىس قوۋزىقىنى قوشۇپ، يېرىم جىڭ ھاراققا يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 6 ~ 9 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، نېرۋا پائالىيىتىنىڭ بۇزۇلۇشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۇمبۇل | UyghurWiki | UyghurWiki