گۈلياسىمەن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ تاجىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، گۈلياسىمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنىنى كۈمۈش رەڭ، يۇمشاق تۈكچىلەر ئوراپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، شەكلى سوقىچاق ياكى ئۇزۇنراق سوقىچاق، گىرۋىكى تولۇق، ئۇچى بىراقلا ئۇچلىنىپ، قىسقا تىكەن ھاسىل قىلىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى شار شەكلىدە بولۇپ، غولىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ؛ مېۋىسى كىچىك، ياپىلاقراق، دۈگىلەك شەكىلدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ئېچىلغان ۋاقتىدا ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
گۈلياسىمەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆكيۆتەل ۋە زىققىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
گۈلياسىمەندىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 3 ~ 5 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، كۆز خىرەلىشىش ۋە سۈيدۈك راۋان بولماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام گۈلياسىمەننى سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن ئىچىپ بەرسە، زىققە، يۆتەل، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، كۆز ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.