UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاۋۇزەك

تاۋۇزەك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ لەيلىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، تاۋۇزەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ. كۆپ شاخلايدۇ، يانتۇ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان، ئالىقانسىمان تولۇق ئۈچكە يېرىلغان، كىچىك يېرىقچە ياپراقلىرى پەيسىمان چوڭقۇر ياكى تېيىز يېرىلغان بولۇپ، تاۋۇز يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ؛ گۈلى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، ساپىقى ئۇزۇن، سۇس سېرىق رەڭلىك، تۈۋى سۆسۈن رەڭلىك كېلىدۇ. گۈل كاسسىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، پەردىلەشكەن، قىرلىرى ۋە قويۇق ئاق تۈكلىرى بولىدۇ. پۈتۈن شەكلى خۇددى پانۇسقا ئوخشايدۇ، غوزا مېۋىسى پىشقاندا بەش پارچىغا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى قارا قوڭۇر رەڭدە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى يازدا ۋە كۈزدە قېزىۋېلىنىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز بويلىرى ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 70 گرام ھۆل تاۋۇزەكنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام تاۋۇزەكنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇزەكنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، ماي بىلەن يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان زەخىمگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تاۋۇزەك | UyghurWiki | UyghurWiki