UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىپىچەكگۈل

پىچەكگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى پىچەكگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يۆگىشىپ ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، پىچەكگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈگۈنەك غولى گۆشلۈك، سېمىز ۋە تىك بولىدۇ، شەكلى بىر ئاز تۈۋرۈكسىمان، ئۇزۇن، كەسمە يۈزى شىللىق، سىلىق، چاچما يىلتىزلىرى كۆپ بولىدۇ، غولى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قىرلىق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ ياكى ئۈچ تال يوپۇرماق ئايلانما بولۇپ ئۆسىدۇ، شەكلى ئۈچ بۇرجەك تۇخۇمسىمان، تۈۋى يۈرەك شەكلىدە سىلىق، تۈكسىز بولۇپ، يوپۇرماق قولتۇقىدىن ھەر دائىم تۈگۈنەك بىخ ئۆسۈپ چىقىدۇ؛ گۈل رېتى باشاقسىمان، ئاتىلىق، ئانىلىقى باشقا تۈپلەردە بولىدۇ، ئاتىلىق گۈل رېتى تىك ئۆسىدۇ، ئانىلىق گۈل رېتى تۆۋەن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، غوزا مېۋىسى ئۈچ قىرلىق بولۇپ، قاناتقا ئوخشايدۇ. يۇقىرى قىسمىدىكى تۈگۈنەك غولىدىن ياكى تۈگۈنەك بىخلىرىدىن كۆپەيتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى ۋە تۈگۈنەك بىخلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولىنى قىروۋ چۈشكەندىن كېيىن قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، قومۇش پىچاق بىلەن سىرتىدىكى قوۋزىقىنى سويۇۋېتىپ، يالپاق توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، خام ياكى قورۇپ سارغايتىپ، تۈگۈنەك بىخلىرىنى كۈز پەسلىدە ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدا كۆپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، بۆرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئېھتىلامنى تىزگىنلەش، تالنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 30 گرام پىچەكگۈلنى 20 گرام خام كەتىرا، 12 گرام خام قانسە، 15 گرام ئەينۇلا، 12 گرام ئاچچىقتاۋۇز يىلتىز تالقىنى بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 140 گرام پىچەكگۈلنى بوش ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇلغان بىر دانە قوي قېرىنى ئاستى بىلەن قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 8 ~ 12 تال كۇمىلاچنى پىلە قۇرت قېپى چىلانغان سۇ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بەرسە، قەنت سىيىش كېسەللىكىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام پىچەكگۈلنى 12 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقى، 20 گرام تاجىگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقىدىن بولغان ئاق خۇن كۆپ كېلىشكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. 25 گرام خام پىچەكگۈلنى 12 گرام بايناق، 20 گرام قانتېپەر، 12 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال ئاجىزلىقىدىن بولغان ئۇزۇن مۇددەت ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام پىچەكگۈلنى، 30 گرام نېلۇپەر ئۇرۇقىنىڭ ئېتى، 35 گرام توشقانزەدىكى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن ياڭاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر تال كۇمىلاچنى سۇس تۇزلۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، جىنسىي ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى