UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچىلپايە

چىلپايە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ چىلپايە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىلپايىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزسىمان غولى ئىنچىكە، ئۇزۇن، توغرىسىغا ئۆسىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان، يېرىقچىلىرى تولۇق گىرۋەكلىك، يوپۇرماقنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىككى قاتار رەتلىك تىزىلغان سېرىق رەڭلىك، داغسىمان سىپورىلىق خالتا توپلىرى جايلاشقان ھالەتتە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزسىمان غولى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىلىدە يىغىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۈن چۈشمەيدىغان نەم جايلار، قىياتاش ئارىلىقلىرى ۋە تاغ - سايلىقلاردىكى ئورمانلارنىڭ ئاستىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، ئىسسىقنى تارقىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. چىلپايىدىن 25 گرام ئېلىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يوللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى، ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چىلپايىدىن سەككىز گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام چىلپايىنى 120 گرام ئالتۇن شاخ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۇقىرى قىزىتمىلىق تارتىشىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. سەككىز گرام چىلپايىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئاق شىكەر قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. تۆت گرام چىلپايىنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى رەيھان شەربىتى بىلەن ئىچىپ، تېرىپلىرىنى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سەينەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام چىلپايە يىلتىزىنى ئازراق ناۋات بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى