UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىشۇمبۇيا

شۇمبۇيا

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ شۇمبۇيا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، شۇمبۇيىغا ئۇرۇقداش تەييارتاپ ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 50 سانتىمېتىر، غولى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تەڭگىسىمان، رەڭگى قارامتۇل سېرىق بولىدۇ؛ گۈل رېتى باشاقسىمان، گۈلى كالپۇكسىمان، رەڭگى سۇس سۆسۈن كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز كۈنلىرى قېزىۋېلىپ، تازىلاپ، توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇملۇق توپا، چاتقاللىقلاردىكى سامان غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر، قوغۇنلۇق ۋە ھەرخىل ئەمەنلەرنىڭ يىلتىزلىرىدا تەييارتاپ بولۇپ ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننى قىزىتىش، پەي ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. شۇمبۇيا، سېرىق يۆگەي، جۇسەي ئۇرۇقى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. 15 گرام شۇمبۇيىنى 12 گرام كەندىر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام شۇمبۇيىنى قاينىتىپ، بالىنىڭ پۇتىنى چىلاپ يۇيۇپ بەرسە، بالىلاردىكى ھەزىم ناچارلىقى ۋە ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى شۇمبۇيىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
شۇمبۇيا | UyghurWiki | UyghurWiki