UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاغىچىيۇغۇچ

ئاغىچىيۇغۇچ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئاغىچىيۇغۇچقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈكبولۇپ، قوغۇن - تاۋۇزغا ئوخشاش پېلەك تارتىدۇ. يوپۇرمىقى تالنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشاش، شەكلى ئۇزۇنچاق، تەرخەمەككە ئوخشاپراق كېتىدۇ. ئۈستى يىپلىق لەشكە ئوخشاش، رىشتىلىك، ئىچىدىن تاۋۇز ئۇرۇقىدەك قارا ئۇرۇق چىقىدۇ. بۇ چېچەكلىگەندىن كېيىن سويما سالىدۇ، ئاق چېچەك چۈشكەندىن كېيىن يوغىناپ، كۆك رەڭدە بولۇپ، پىشقاندا سارغىيىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچ ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ، يەنى سېرىق ۋە ئاق رەڭدە بولىدۇ، ئۇرۇقىنى باھاردا تېرىسا كۈزدە پىشىپ يېتىشىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. چوڭ تەرەت ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، بوۋاسىرنى قۇرۇتۇش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 1.0 ~ 15.0 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 2.0 ~ 1.0 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 5.1 گرام، 15 ياشتىن يۇقىرىلارغا ئىككى گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچنى قاينىتىپ ئىچسە ياكى ياغ چىقىرىپ يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، ئۆلۈك ھامىلىنى چۈشۈرىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچنى سوقۇپ كالا يېغى بىلەن قوشۇپ بۇرۇنغا تېمىتسا، سېزىمنىڭ يوقىلىشى ۋە سەرئىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۈچ دانە ئاغىچىيۇغۇچ ئۇرۇقىنى ئاخشىمى سۇغا چىلاپ قويۇپ ئەتىسى سۈزۈپ، سۈيىدىن 2 ~ 3 تېمىم بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، يەرقاندىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچقا كاپۇر قوشۇپ پۇرىسا، كۆزدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچتا قۇرس تەييارلاپ، قايماق بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قايتا ئۆسۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، بوۋاسىرنى يوقىتىدۇ. 500 مىللىگرام ئاغىچىيۇغۇچنى سوقۇپ ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاغىچىيۇغۇچ يېغىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى باش ئەتراپىنى ياغلاپ بەرسە، مېڭە قۇرۇقلۇقى، ئۇيقۇسىزلىق ۋە باشقا مېڭە كېسەللىكلىرىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى