UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچامغۇر

چامغۇر

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، تۇرۇپقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈگۈنەك يىلتىزى گۆشلۈك بولۇپ، رەڭگى ئاق ياكى قىزىل، شەكلى ياپىلاق، شار شەكلىدە ياكى ئۇزۇنچاق كېلىدۇ؛ تۈگۈنەك يىلتىزى كۆكتات قىلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى تار، ئۇزۇن بولۇپ، چوڭ - چوڭ كەمتۈك جايلىرى بولىدۇ؛ گۈلى سېرىق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك يىلتىزىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ، يالپاقلاپ قۇرۇتۇپ؛ ئۇرۇقىنى چېچەكلىگەندە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ھۆل ئىسسىق. ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، يۆتەل توختىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ چامغۇر 350 ~ 500 گرام، چامغۇر ئۇرۇقى 5 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، شىرىسىنى چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە سېرىقلىق چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. چامغۇرنى سۇدا قاينىتىپ، سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، قىچىشقاق ۋە دۆ چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. چامغۇرنى تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. چامغۇرنى خام ھالەتتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قارا تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى پىشىپ يېتىلگەن چامغۇرنىڭ كۆكىنى تۈۋىدىن كېسىۋېتىپ، يەردە قالغان چامغۇرنىڭ ئۈستىنى قوشۇق بىلەن ئويۇپ، ئۈستىگە قاچا كۆمتۈرۈپ قويۇپ، ئىككى سوتكىدىن كېيىن چامغۇرنىڭ ئويۇلغان يېرىدە يىغىلغان سۈيىنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شېكەر قوشۇپ چامغۇر شەربىتى ياساپ، ھەر قېتىمدا بىر قوشۇقتىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. شەربىتى ئېلىنغان چامغۇرنى يۇلۇپ ئېلىپ، تاماققا سېلىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە بەدەن ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چامغۇر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىق، ھەزىم ناچارلىق ۋە سۈت ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چامغۇر | UyghurWiki | UyghurWiki