UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئېشەكقومۇشى

ئېشەكقومۇشى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئېشەكقومۇشىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ ئوق يىلتىزى ئىنچىكە، كونۇسسىمان، ئازراق توم بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى يىپسىمان بولۇپ، تۈۋىدىن ئۆسىدۇ؛ توپ يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن قويۇق پاختىلىق تۈكلەر بىلەن قاپلانغان گۈل سېپى كۆتۈرۈلۈپ چىقىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى غولنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، رەڭگى سېرىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. باھار ۋە كۈز پەسىللىرىدە بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، كېسىپ يالپاقلىغاندىن كېيىن ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ نەم باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈت ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 35 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئېشەكقومۇشىدىن 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سەينەك، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئېشەكقومۇشىنىڭ ھۆل يىلتىزىنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چاقا، غەلۋىرەك ۋە سەينەككە مەنپەئەت قىلىدۇ. 35 گرام ئېشەكقومۇشىنى 30 گرام قارىمۇق، 35 گرام نەغەز گۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، سۈت يېتىشمەسلىككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى