UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكەندىر

كەندىر

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، كەندىرگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تاق جىنسلىق، تاتلىق، ئانىلىقى ئايرىم، يوپۇرمىقى ئالىقانسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، كىچىك يوپۇرماقلىرى تىمىنە شەكىللىك، گۈلى سۇس يېشىل، تالالىرىدىن ئارغامچا ئېشىشكە بولىدۇ، ئۇرۇقىدىن ياغ تارتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يېغى، يوپۇرمىقى، يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا ئورۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىنى سوقۇپ، شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدىن كۆپ چىقىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ئاغرىق پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، مەست قىلىش خۇسۇسىيتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. گرام كەندىر ئۇرۇقىنى 20 گرام كىرەش، 12 گرام شاپتۇل مېغىزى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قەۋزىيەت، قېرى، ئاجىز، تۇغۇتتىن كېيىن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. كەندىر يوپۇرمىقى ۋە ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ باشنى يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كەندىر ئۇرۇقىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيز كۆپ كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. كەندىر ئۇرۇقىنى كالا سۈتى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. كەندىر ئۇرۇقىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش، ئادەتلەنگەن باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق، تارتىشىپ قېلىش، كۆكيۆتەل، جىگەر ئاغرىقى، قۇلۇنجى ۋە تېتانۇسقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كەندىر | UyghurWiki | UyghurWiki