UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىزىرىق

زىرىق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ زىرىق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان، زىرىققا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 5.1 ~ 2 مېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە ئۇزۇن، رەڭگى سېرىق، تەمى ئىنتايىن قېرىق؛ يوپۇرماقلىرى قىسقا، شاخلىرىغا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، كىچىك ۋە قىسقا كېلىدۇ، شاخ تۈۋىنىڭ تاشقى تەرىپىدە ئۈچ ئاچىلىق تىكىنى كۆپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن، ئىككى تەرىپىدىكىلىرى قىسقا بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى كىچىك، سېرىق؛ مېۋىسى شىرنىلىك، شار شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا قارىيىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، غولى ۋە يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، يىلتىزىنى تازىلاپ، پاكىز يۇيۇپ، نەملەپ، يالپاقلاپ ئاپتاپتا قورۇتۇپ؛ غولىنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ ئېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس تاغلار، ئورمان بەلۋىغىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە تاغ باغرىدىكى چاتقاللىقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. سەپرانى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 25 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. زىرىق يىلتىزىدىن 20 گرام، مامرانچىندىن سەككىز گرام، ياۋا كەشمىردىن 12 گرام، مامكاپتىن 10 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ۋە ئۈچەي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. زىرىق يىلتىزى، مامرانچىنىلارنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ ياكى ئېغىزنى چايقاپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغى ۋە ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر گرام زىرىق يىلتىزىنى ئىككى گرام كۆك سېغىز، ئۈچ گرام ئوسما، ئىككى گرام خام گەج بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، ۋازېلىن بىلەن 25% لىك مەلھەم ياساپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، ھۆل تەمرەتكە ۋە چىيقانغا مەنپەئەت قىلىدۇ. زىرىقنى ئەمەننىڭ سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىسا، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ. زىرىقنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، جىگەرنىڭ قاتتىقلىقىنى يۇمشىتىپ، سۈيدۈك ماڭدۇرىدۇ. زىرىقنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ئىششىق ياندۇرىدۇ. زىرىقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ بەرسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ. زىرىقنىڭ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، باراۋەر مىقداردىكى ئالمىنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن قوشۇپ 1/4 قىسىم شېكەر بىلەن ياخشى قىيام قىلىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلار چېقىشى سەۋەبىدىن زەھەرلىنىش، بىھوشلۇق، ئىشتىھاسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. زىرىقنى ھۇمماز، ئوترۇج ۋە مەرۋايىتلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، زەھەر قايتۇرۇش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. زىرىقنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى يالغۇز ياكى شەربەت قىلىپ ئىچىپ بەرسە،قان بۇزۇلۇش، ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقى، يۈرەك، جىگەر ئاجىزلىقى ۋە بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. زىرىقنىڭ مېۋىسىنى يالغۇز سۇمبۇل، دارچىن، ھەسەلگە ئوخشىغان دورىلار بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇدىن كېلىدىغان سۇيۇقلۇقلارنى ئازايتىدۇ. زىرىقنىڭ سۈيىنى ياكى ئۆزىنى ئىچىپ بەرسە، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىپ، قىزىتمىنى داۋالاپ، جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىپ، جىگەرنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىپ، سوزۇلما تەپ سەۋەبىدىن بولغان ھارارەتنى پەسەيتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
زىرىق | UyghurWiki | UyghurWiki