UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيارماقگۈل

يارماقگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، يارماقگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 20 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن، يۇمشاقراق، تۆت قىرلىق بولۇپ، تىك ياكى قىيپاش ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، يۈرەك ياكى بۆرەك شەكلىدە، گىرۋىكى يۇمىلاق چىشسىمان، غولىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن سېپى بار؛ گۈلى سۆسۈن، كالپۇكسىمان، كۆپىنچە ئىككى - ئۈچتىن بولۇپ قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك گۈلى تولۇق ئېچىلغان ۋاقتىدا يىغىۋېلىنىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئورمانلىق، تاغ - دەريا ۋادىلىرى ۋە يايلاق قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. قاننى جانلاندۇرۇش، ئىششىقنى ياندۇرۇش، ئىسسىقنى ھەيدەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى يارماقگۈلنى ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىش ۋە ھەرخىل سۇنۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك يولىدىكى تاش، يۈرەك ياللۇغى ۋە دوۋساق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قۇرۇتۇلغان يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى تۇتقاقلىق ۋە ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يارماقگۈلدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق ئېزىپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، غەلۋىرەك، تىلما ۋە قۇلاق ئاستېى بېزى ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
يارماقگۈل | UyghurWiki | UyghurWiki