UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىروشەنگۈل

روشەنگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، روشەنگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 70 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى قىرلىق، تۆۋەن قىسمى سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، رەتسىز پەيسىمان چوڭقۇر يېرىلغان ياكى تېيىز يېرىلغان بولۇپ، غولىنى يېرىم ئوراپ تۇرىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىغا ئۆگزىسىمان گۈل رېتىگە ئوخشاش توپلاشقان بولىدۇ، گۈلنىڭ رەڭگى سېرىق بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، يۇيۇپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ باغرىلىرى، ئورمان چەتلىرى، ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جىگەرنى تازىلاش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ھۆل روشەنگۈلنى ئېزىپ، كېسەل ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق ئىششىق، غەلۋىرەك، تەمرەتكە، تېرە ياللۇغى ۋە زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. روشەنگۈلدىن 90 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، غەلۋىرەك، تەمرەتكە ۋە تېرە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.روشەنگۈلدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام روشەنگۈلنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. روشەنگۈلنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى