سۇزاپ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ۇ سۇزاپ ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سەپرا ئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسۈپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، يېرىلغان ياپراقچىلىرى سوقىچاق كېلىدۇ. گۈلى سېرىق، غوزىلىق مېۋە تۇتىدۇ. پۈتۈن تېنى خۇشبۇي پۇرايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقاندا چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، يېڭىسار، قەشقەر قاتارلىق جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك قۇرۇق ئىسسىق.
مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، ئەقىلنى زىيادە قىلىش، يەل تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، قۇرۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تېرىنى غىدىقلاش، قىزارتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
سۇزاپنى قاينىتىپ ياكى خېمىر قىلىپ قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، پالەچ، قول تىترەش، بوغۇم ئاغرىش، پەي يىغىلىپ قېلىش، يانپاش
ئاغرىقى قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، دوۋساق ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرۈپ، قۇلۇنجى (يەلدىن بولغان قۇلۇنجى)، كۆكرەك، جىگەر ۋە تال
ئاغرىقى، مەقئەت كېسەللىكلىرى، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ 70 ~ 100 گرامغىچە ئىچىپ بەرسە، ھېقنى توختىتىدۇ.
سۇزاپقا قۇرۇق سېرىق چېچەكنى قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بىقىن ئاغرىقى، كۆكرەك ئاغرىقى، زىققە ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك
يۆتەللەرگە، ئۇنىڭدىن باشقا ئۈچەي ئاغرىقى، كىندىك ئەتراپى ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە ئىششىقى، چوڭ بوغۇملارنىڭ ئاغرىقى،
ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، سوغۇقتىن بولغان تەپ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى چۈشۈرىدۇ.
سۇزاپنى ئەنجۈر بىلەن قاينىتىپ ياكى ئەنجۈر بىلەن تۇز قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى چايناپ بەرسە، ئېغىزدىكى پىياز ۋە سامساقنىڭ پۇرىقىنى يوقىتىپ، تاماق سىڭدۈرىدۇ.
سۇزاپنى ئەنجۈر ياكى ياڭاق بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىچىلگەن زەھەرلەرنى ۋە ھاشاراتلارنىڭ زەھەرلىرىنى قايتۇرىدۇ.
سۇزاپ تالقىنىنى ھەركۈنى ئۈچ گرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، پالەچ، ئەزالارنىڭ تىترىشى ۋە پەيلەرنىڭ يىغىلىپ قېلىش كېسەللىكلىرىگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنىڭ ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە ياكى ئۇنىڭ سۈيىنى ھەمەل قىلىپ بەرسە، جىنسىي ئالاقىدىن كېيىن ھامىلە پەيدا بولۇشنى
توسۇپ، بالا چۈشۈرىدۇ.
سۇزاپنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىنى پۇراپ بەرسە، ھامىلە چۈشۈرىدۇ.
سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى سوقۇپ، خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، سېرىقئېشەك ۋە ئۆمۈچۈك چېقىش، غالجىر ئىت چىشلەش
قاتارلىقلارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
سۇزاپ يوپۇرمىقىنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قۇلاققا تېمىتىپ بەرسە، قۇلاق غوڭۇلداش، قۇلاق ئېغىرلىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى سۇ بىلەن قاينىتىپ، سىركە قوشۇپ، ئۇششاق بالىلارنىڭ بۇرنىغا تېمىتىپ بەرسە، بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىنى تالقان قىلىپ بۇرۇنغا پۈركۈپ بەرسە، بۇرۇندىن قان كېلىش كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى گۈل يېغى، سىركە ۋە ھاراق بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
سۇزاپنى غار دەرىخىنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىككى قاشنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ.
سۇزاپنى موم ۋە مورت يېغى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، يىرىڭلىق ئىششىق ۋە ھەرخىل جاراھەتلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى سېرىقچېچەك ۋە ھەسەل بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپقا توغرىغۇ قوشۇپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، ئاق داغ ۋە سۆگەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى قاينىتىپ دوۋسۇنغا ھەمەل (كلىزما) قىلىپ بەرسە، قۇلۇنجى كېسەللىكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۇزاپنى زەيتۇن يېغىدا قاينىتىپ ئىستېمال قىلسا ياكى دوۋسۇنغا تېڭىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋان قىلىدۇ.
سۇزاپنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ يۈرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنى قاچۇرىدۇ.
سۇزاپنىڭ سىقىلغان سۈيىنى ئارپىبەدىيان سۈيى ياكى ھەسەل بىلەن قوشۇپ كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىدۇ.
سۇزاپنى سىركە، ئۇپا، گۈل يېغى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كۆيدۈرگە، بەدەننىڭ چۈمۈلە ماڭغاندەك قىچىشىشى، باشنىڭ تاز
چاقىسى قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.