UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتاغ لەيلىسى

تاغ لەيلىسى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، تاغ لەيلىسىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 50 سانتىمېتىر. غولىنىڭ تۈۋىدە نۇرغۇن قارامتۇل جىگەر رەڭ، يىپسىمان قالدۇق يوپۇرماق غىلاپى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ زىچ ئۆسىدۇ، شەكلى ئۇزۇن تەتۈر تېمىنەسىمان، گىرۋىكى ھەرە چىشلىق كېلىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى ئۇچىدا ئۆسكەن، ئومۇم ئورىغۇچىسى تەرەققىي قىلىپ، يوپۇرماققا ئايلانغان، كۆپ قاتلاملىق پەردىسىمانراق، رەڭگى سارغۇچ يېشىل، باشسىمان گۈلىنىڭ ھەممىسى نەيسىمان بولۇپ، خورما رەڭ سۆسۈن. ئورۇق مېۋىسىدە ئاق تاج تۈكچىلىرى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى يەتتىنچى ئايدا گۈلى ئېچىلغان مەزگىلدە ئېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 2600 ~ 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغلاردىكى تاش يېرىقلىرى، قۇملۇق، شېغىللىق ۋە تاغ ئېدىرلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنى كۈچەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 3 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 20 گرام تاغ لەيلىسىنى رەيھان شەربىتىگە يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، ئاياللاردىكى دوۋسۇن سوۋۇپ كېتىش، ھەيز توختاپ قېلىش ۋە بالا ھەمرىيى چۈشمەسلىككە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى تاغ لەيلىسىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قىزىل تېشىغا تەپمەسلىك، ئۆپكىگە سوغۇق تېگىشتىن بولغان يۆتەل، ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاغ لەيلىسىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، ھەيز راۋان بولماسلىق ۋە پەي، مۇسكۇللارنىڭ ئاجىزلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
تاغ لەيلىسى | UyghurWiki | UyghurWiki