ئىتسىيگەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئىتسىيگەككە ئۇرۇقداش، يېرىم چاتقال ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 - 70 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك بولۇپ، تۈۋىدىن شاخلىنىدۇ. شاخلىرى يۇمىلاق بۇغۇملۇق، گۆشلۈك ۋە يېشىل بولىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى يىگلەپ، تەڭگىسىمان يوپۇرماققا ئايلانغان بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ. يوپۇرماق قولتۇقلىرىدا قارا تۈكلىرى بولىدۇ؛ باشاقسىمان گۈل رېتى شاخلىرىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا توپلاشقان، گۈلى كىچىك ۋە پەردىلەشكەن بولۇپ، مېۋىلەش مەزگىلىدە قاناتسىمان ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرغاق شورلۇقلاردا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ھۆل ئىتسىيگەكنى توغراپ، مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قويۇپ، 20 مىنۇت قاينىتىپ، پاشا - چىۋىنلەر ئولىشىدىغان جايغا چېچىپ قويسا، پاشا -
چىۋىنلەرنى قوغلايدۇ.
ھۆل ئىتسىيگەكنى سۇدا قاينىتىپ، ھاك سۈيىدىن ئازراق قوشۇپ، ھويلا - ئاراملارغا چاچسا، ھەرخىل ھاشارات، پاشا - چىۋىنلەرنى قوغلايدۇ.
قۇرۇق ئىتسىيگەكنى كۆيدۈرۈپ، ئىسرىق سالسا، پاشىنى قوغلايدۇ.