قارىغان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، قارىغانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ،
ئېگىزلىكى 1 ~ 2.1 مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، يوغان، غولى تىك بولۇپ، توپلىشىپ ئۆسىدۇ، يۇمران شاخلىرىنىڭ تىكىنى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
توپلىشىپ ئۆسكەن، تار تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈلى كېپىنەك شەكلىدە، سېرىق ياكى توق سېرىق بولۇپ، توپ يوپۇرماقلىرىنىڭ ئارىسىدا تاق
ئۆسىدۇ. گۈل سېپى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قاسىراقلىق، مېۋىسى سەل ياپىلاق كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە گۈلى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلىنى ياز بېشىدا يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ؛ يىلتىزىنى باھار
ۋە كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، كېسىپ يالپاقلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرغاق پەس تاغ
ئېتەكلىرى ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
قاننى جانلاندۇرۇش، يەلنى تارقىتىش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش،
قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش، جىگەر ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يۆتەل توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ يىلتىزى 2 ~ 4 گرام، گۈلى 4 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
35 گرام قارىغان يىلتىزىنى 40 گرام ئۈجمىنىڭ يۇمران شېخى، 10 تال چىلان بىلەن بىللە قاينىتىپ سۇدا ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغان يىلتىزىدىن 30 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، ئاق شېكەردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان
بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
30 گرام قارىغان يىلتىزىنى 20 گرام قانتېپەر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە ھەيز قالايمىقانلىشىشقا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغان گۈلىدىن ئۈچ مىسقالنى توخۇ تۇخۇمى بىلەن بىللە ھورلاندۇرۇپ، پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان يۆتەل ۋە
بالىلاردىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك ھەزىم ناچارلىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغان يىلتىز پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، ئېغىزنى چايقاپ غار - غار قىلسا. ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قارىغان گۈلىدىن 140 گرام، ئۈجمە شېخىدىن 150 گرام، زاراڭزا چېچىكىدىن 20 گرام، چاچراتقۇدىن 22 گرام ئېلىپ، 500 گرام رەيھان
شەربىتىگە يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 12 ~ 02 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، يىقىلىپ، ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشكە مەنپەئەت
قىلىدۇ.
قارىغان يىلتىزىدىن سەككىز گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سۈت ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.