جىنچاتقىلى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ جىنچاتقىلى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، جىنچاتقىلىغا ئۇرۇقداش
چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 1 ~ 5.1 مېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ، ئۇششاق شاخلىرىدا ئاچقۇچ چىشىدەك ئۆسۈكچىلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى
ئۇدۇل ئۆسكەن، سوقىچاق ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە بولىدۇ؛ گۈل رېتى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، گۈلى قارامتۇل سۆسۈن، گۈل سېپى
ئۇزۇن، غوزا مېۋىسى ئامۇت شەكلىدە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، تۆتكە يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كىلىتان چىشىدە ئۆسۈكلىرى بار يۇمران شاخلىرى ۋە يىلتىزى
ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كۈز پەسىللىرىدە كېسىۋېلىنىپ، توغراپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ،
يىلتىزىنى كولىۋېلىپ تازىلاپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى قاتارلىق جايلىرىدىكى تاغلىقلارنىڭ
چاتقاللىقىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قاننى جانلاندۇرۇش، تۇرۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قارپ 4 ~ 8 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
12 گرام جىنچاتقىلىنى 10 گرام كىرەش، 12 گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تۇغۇتتىن كېيىنكى قورساق
ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىنچاتقىلى يىلتىزىدىن 12 گرام، لېپەكگۈلدىن 20 گرام ئېلىپ 500 گرام رەيھان شەربىتىگە يەتتە كۈن چىلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر
قېتىمدا 10 ~ 25 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
جىنچاتقىلىغا زاراڭزا چېچىكى قوشۇپ يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
جىنچاتقىلىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە چاقىلارنىڭ قىزىرىپ
ئىششىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام جىنچاتقىلىنى 20 گرام قىزىل چۇغلۇق، 35 گرام گۈلبوغۇن، 12 گرام پىيزەك بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز
كەلمەسلىك ۋە قان توسۇلۇشتىن بولغان قورساق ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.