سۈزە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، سۈزەگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~ 30 سانتىمېتىر كېلىدۇ، پۈتۈن ئۆسۈملۈكتىن كۈچلۈك يالپۇز پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ؛ يىلتىزى يوغانلىغان
تۈۋىدىن ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن بولۇپ، ئۇزۇنچاق دۈگىلەك ياكى كەڭ تېمىنە شەكلىدە. تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ؛ گۈل رېتى
باشسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن، شەكلى كالپۇكقا ئوخشايدۇ، ئىككى تال ئاتىلىقى گۈل تاجىسىدىن سىرتقا چىقىپ
تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ، توغراپ سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى پەس تاغلىق ۋە نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، يۈرەك ھەرىكىتىنى ياخشىلاش، ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 20 ~ 25 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سۈزەدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ئېغىش، سۆڭەك يۇمشاپ كېتىش (راخت) ۋە ئەرلىك
جىنسىي ئاجىزلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
سۈزەدىن تۆت گرام، كەۋرەكتىن ئالتە گرام، جۇلاغدىن يەتتە گرام، ئۈچقاتتىن سەككىز گرام، قوڭغۇراقگۈلدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
تۆت گرام سۈزەنى 12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئېزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام
پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.