شىۋاق
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۆپىنچە شورلۇق يەرلەردە پاكار ئۆسىدىغان، ئەتىيازدا بالدۇر چىقىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، گۈلى خۇشبۇي، تەمى ئاچچىق، رەڭگى ئەمەننىڭكىگە ئوخشاش؛ يوپۇرماقلىرى ئۇششاق، نازۇك، سۇزاپنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشاش بولۇپ، قىسمەنلىرىنىڭ رەڭگى سېرىققا مايىل ياكى توپا رەڭ؛ گۈلىنىڭ رەڭگى قىزىل ۋە سېرىق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتە ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا چىقىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، بەلغەم بوشىتىش، يەل تارقىتىش، غەيرىي تەبىئىي خىلىتلارنى تازىلاش، ئىچكى ئەزالاردىكى ئارتۇق ماددىلارنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 7 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
شىۋاقتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇنغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بەرسە، غەيرىي تەبىئىي بەلغەمدىن بولغان كۆز ئاغرىقى
ۋە ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى شىۋاقنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى زەيتۇن يېغى ۋە زىبىق بىلەن قوشۇپ باشقا چېپىپ بەرسە، چاچ چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىۋاقنى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، گۆشخور جاراھەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىۋاقتا ياغ تارتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نەپەس سىقىلىش، ئاشقازان ئىششىقى، ئىستىسقا، تەپ ۋە سوغۇقتىن بولغان ھەرخىل
كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.