UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئاچچىق ئەمەن

ئاچچىق ئەمەن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 70 سانتىمېتىر؛ غولى تىك، يۇقىرى قىسمىدىن شاخلىنىدۇ، غولىدا كۆرۈنەرلىك ئوقۇرلىرى بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى بولىدۇ، يوپۇرمىقى ئۈچ قۇلاقلىق، تولۇق يېرىلغاندىن كېيىن يەنە بىر - ئىككى قېتىم قايتىلىنىپ چوڭقۇر ياكى تېيىز يېرىلىدۇ. يېرىقچە يوپۇرماقلىرى كەڭرەك بولىدۇ؛ باشسىمان گۈل رېتى، يېرىم يۇمىلاق شەكىلدە بولۇپ، تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، كۆپىنچە شالاڭ چوڭ كونۇسسىمان گۈل توپلىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، نەيچىسىمان گۈلى سۇس سېرىق رەڭدە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ۋە گۈل شېخى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى گۈل شېخى كېسىۋېلىنىپ، يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ ياكى قاقلاپ كۆمۈرلەندۈرۈپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئۆيلەرنىڭ يېنى، يول بويى ۋە چۆللەردە ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق ھۆللۈكنى چىقىرىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھاشارات ئۆلتۈرۈش، قىچىشىشنى بېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. كۆمۈرلەندۈرۈلگەن ئاچچىق ئەمەندىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، مۇپاسىلغا مەنپەئەت بېرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۆمۈرلەندۈرۈلگەن ئاچچىق ئەمەننى سۇدا قاينىتىپ، مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا تېڭىپ بەرسە، مۇپاسىلغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئاچچىق ئەمەن ۋە چۈچۈكبۇيىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، چىيقان ۋە ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئاچچىق ئەمەن | UyghurWiki | UyghurWiki