زىرە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، زىرىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدىن كۈچلۈك پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ؛ غولى تىك، ئۈستى شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۈچ - تۆت قېتىم قايتىلىنىپ، پەيسىمان يېرىلىدۇ؛ گۈلى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە بولۇپ، رەڭگى سېرىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى (شاكالسىمان دېنى) ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
ئاشقازاننى قىزىتىش، جىگەر ۋە ئۈچەينى كۈچلەندۈرۈش، يەل تارقىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى يوقىتىش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قاتۇرۇش، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 6 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
زىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، كاپ ئېتىپ بەرسە، ھەزىم ئاجىزلىقى، قورساق ئېسىلىش، ئاغرىپ ھەزىم بۇزۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، سۆزنەك، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ھەيز تۇتۇلۇش، جىگەر، ئاشقازان، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى زىرىنى تەڭ مىقداردىكى چىڭگىلىك يىلتىزى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىككى گرام زىرىنى ئىككى گرام ئاچچىق ئانار رۇبى، ئىككى گرام ۋاسالغۇ بىلەن قوشۇپ سوقۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قۇسۇشنى توختىتىپ، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى زىرىنى جەمبىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، چىش ۋە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
زىرە، سۆرۈنجان ۋە زەنجىۋىلنىڭ ھەر بىرىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يېڭى سېغىلغان سۈت ۋە شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇدا ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، باھنى قوزغاپ، بوغۇم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.