UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئىنەكپىتى

ئىنەكپىتى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى كۆپ ياكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ئىنەكپىتىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى چوڭ ۋە ئالىقانسىمان يېرىلىپ، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە چېچەكلەيدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە يېغى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈزدە يوپۇرمىقى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ، ئۇرۇقىدا ياغ تارتىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. پەي، مۇسكۇللارنى يۇمشىتىش، ئىچنى سۈرۈش، ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، بەلغەم ۋە سەۋدانى سۈرۈش، تومۇرلارنى پاكلاش، قۇلۇنجىنى ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 1 ~ 2 تال، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغان بالىلارغا2 ~ 3 تال، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغان بالىلارغا 4 ~ 5 تال، 15 ياشتىن يۇقىرى چوڭلارغا ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 10 تال ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ مېغىزىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، بالا ھەمراھىنى چۈشۈرىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ مېغىزىدىن 10 تالنى يۇمشاق سوقۇپ، ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەلغەمنى بوشىتىدۇ. ئىنەكپىتىنى خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سۆگەل، قارا داغ، بەلغەمدىن بولغان قاتتىق ئىششىق، قول، پۇت ئۇچى ئاغرىقى ۋە مۇپاسىل ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىنەكپىتىنى سىركە بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا، ئەمچەكنىڭ ئىششىقىنى ياندۇرىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىدىن سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە (يوپۇرمىقى زەھەرلىك، دىققەت قىلىش لازىم)، سوغۇق زەھەرلەرنى ياندۇرىدۇ (ئەپيۈن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش زەھەرلىك نەرسىلەرنى كۆتۈرىدۇ). ئىنەكپىتىنى ئارپا ئۇنى بىلەن خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان كۆزئىششىقى، گال ئىششىقى ۋە پۇت - قول ئىششىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ يوپۇرمىقىدىن سەككىز گرامنى يېڭى سۈت بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان يۈرەك ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىنەكپىتى يىلتىزىنىڭ پوستىنى يېڭى سۈت بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ يېڭىسىنى مائۇل ئۇسۇل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا، نورمالسىز بەلغەمنى تازىلايدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ يېڭىسىنى مائۇل ئۇسۇل بىلەن قوشۇپ پەيگە چېپىپ بەرسە، پەي تارتىشىش، قاتتىق ئىششىق، قۇلاق ئاغرىقى، بالىياتقۇ ئاغزى يۇمۇلۇپ قېلىش، يىرىڭلىق قىچىشقاق، باشنىڭ سۇلۇق جاراھەتلىرى، ئاشقازان ئىششىقى، تېرە كۆكىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىنەكپىتىنى كۆپىكى دەريا بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چاچ چۈشۈپ كەتكەن يەرگە چاچ ئۈندۈرىدۇ. ئىنەكپىتىنى كۈدە سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە ياكى ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىرغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىنەكپىتىنىڭ يېغىنى مىس قاچىغا سېلىپ، ئاغزىنى مەھكەپ يېپىپ، 40 گرام قىزىغان ياغقا 2.0 گرام كاپۇرنى سېلىپ، ئاغزىنى مەھكەپ يېپىپ، كاپۇر ئېرىگەندە قازاننى چۈشۈرۈپ، سوۋۇغىچە ئاغزىنى ئاچماي، تازا سوۋۇغاندا ئېلىپ مەقئەتنى يۇيۇپ، قۇرۇتۇپ تەييار بولغان ياغ بىلەن ياغلاپ بەرسە، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى تۈگىتىدۇ؛ بۇ ياغقا يىلان قاسىرىقى، قىچا قوشۇپ ئىشلەتسە، بەدەننىڭ بىرقات تېرىسى چۈشۈپ كېتىش، تەمرەتكە، قارا داغ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى