پالەك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى بىر ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، پالەككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى سەل ئۈچ بۇرجەك؛ يىلتىزى ئازراق قىزىل كېلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ چۆپى يېتىلگەندە، پۈتۈن چۆپى ۋە ئۇرۇقىنى يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
بىرىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
ئاغرىق توختىتىش، ئىسسىقلىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ چۆپى ۋە ئۇرۇقىدىن 36 گرام، سىقىلغان سۈيىدىن سەككىز گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
پالەكنى ماش بىلەن پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان نەزلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيى بىلەن غار - غار قىلسا، گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى شېكەر بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، گال ئاغرىقى ۋە يەرقان كېسىلىگە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
پالەكنى پىشۇرۇپ ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان بۇغۇم ئاغرىقى، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق ۋە قان سەپرادىن
بولغان سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام پالەكنى ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرە چاققان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
پالەكنى ئېزىپ سەدەپ بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، دانىخورەككە مەنپەئەت قىلىدۇ.