UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىتەسۋىقوناق

تەسۋىقوناق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، تەسۋىقوناققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى تۆمۈنە شەكلىدە كېلىدۇ؛ دېنى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، كۈل رەڭ كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى كەچ كۈزدە دېنى پىشقاندا، ئۇرۇقىنى سوقۇپ ئېلىپ، شۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ، قۇرۇتۇپ خام ھالەتتە ياكى سارغايغىچە قورۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 24 گرام ئىشلىتىلىدۇ. تەسۋىقوناقتىن 25 گرام، قورۇلغان پاقىيوپۇرمىقى ئۇرۇقىدىن 15 گرام، بېھىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ (ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىچىشىگە بولمايدۇ). 35 گرام تەسۋىقوناقنى 20 گرام ئىشلەنگەن بۇۋانە يىلتىزى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5.2 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان سوۋۇپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. تەسۋىقوناقتىن 20 گرام، ئاق چۇغلۇقتىن 21 گرام، كىرەشتىن 10 گرام، چاكاندىدىن 12 گرام، دارچىن شېخىدىن 10 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن سەككىز گرام، خام زەنجىۋىلدىن تۆت گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھۆللۈك ئېشىپ كېتىش ۋە بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى