قىزىلبۇغداش
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قىزىلبۇغداشقا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 60 ~ 90 سانتىمېتىر كېلىدۇ، كۆپىنچە قىزىل رەڭلىك بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئاددىي، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق
سېپى ئۇزۇن، يوپۇرماق شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، تېمىنىسىمان، دۈگىلەك، تۇخۇمسىمان ياكى ئۇچ بۇرجەك تۇخۇمسىمان
شەكىللەردە بولىدۇ، رەڭگى يېشىل ياكى جىگەر رەڭ كېلىدۇ؛ گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، قىسقا قىلتىرىقى بولىدۇ،
ئۇرۇقى قارا، پارقىراپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ئىسسىقنى ياندۇرۇش، زەھەر قايتۇرۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 35 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلبۇغداشنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق، قان تۈكۈرۈش، ئۆتكۈر قىزىتما، كېزىك، سۆزنەك، سۈيدۈك
تۇتالماسلىق، قان قۇسۇش، بوۋاسىر ۋە ئىسسىقتىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلبۇغداشنىڭ يىلتىزى ۋە يوپۇرمىقىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان قۇسۇش، بوۋاسىر قاناش ۋە بەلغەم
بىلەن قان كېلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قىزىلبۇغداش يوپۇرمىقىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يىلان چېقىۋالغان زەھەرنى قايتۇرىدۇ.
يەتتە گرام قىزىلبۇغداش ئۇرۇقىنى سۇدا ئېزىپ، ئۈچ ھەپتىگىچە ناشتىدا ئىچىپ بەرسە، قان ۋە ھەيزنى توختىتىدۇ.