UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىياڭاق

ياڭاق

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ياڭاق ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، ياڭاققا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئېللىپس شەكلىدە، ئۈچكىلىك مېۋىسى شار شەكلىدە بولىدۇ. سىرتقى مېۋە شۆپۈكى سىلىق، ئىچكى مېۋە شۆپۈكى قاتتىق ۋە بۈدۈر - بۈدۈر بولىدۇ. ياغىچى مەزمۇت بولۇپ، ئۇنىڭدىن ھەرخىل ئۆي جاھازىلىرى ياسىلىدۇ. مېۋىسىنىڭ مېغىزى ئىستېمال قىلىنىدۇ ھەم ياغمۇ تارتىلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېغىزى، پەردىسى، كۆك پوستى ۋە يۇمران نوتىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىدا تىكىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، مەنىينى قويالتىش، ئۆپكىنى قۇرۇتۇش، ئۈچەينى نەملەشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ ياڭاق مېغىزى 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا، پەردىسى، پوستى ۋە شېخى مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. گرام ياڭاق مېغىزىنى 35 گرام ئۆرۈك مېغىزى بىلەن قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ھەسەل ۋە خام زەنجىۋىل سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بەدەن ئاجىزلىقى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، يۆتەل ۋە دەم سىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. 100 دانە ياڭاقنى 15 گرام قارا شېكەر، 81 گرام ئاق شېكەر، 65 گرام سېرىق موم، 20 تال كۆيدۈرۈلگەن چىلان بىلەن قوشۇپ سوقۇپ، سۇدا نەمدەپ خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ ياساپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 20 تالدىن قايناق سۇ بىلەن ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئاشقازان يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۈچ كىلوگرام پىشمىغان ياڭاق (ئالتىنچى، يەتتىنچى ئايلاردا ئۈزۈلگەن)نى ئېزىپ، بەش كىلوگرام ئاق ھاراق ياكى 60% لىق ئىسپىرتقا 20 ~ 30 كۈن چىلاپ تۇرغۇزۇپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 15 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئاشقازان ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ياڭاق نوتىسىدىن 250 گرام، توخۇ تۇخۇمىدىن ئالتە تال ئېلىپ، ساپال قاچىدا قاينىتىپ، تۇخۇم چالا پىشقان چاغدا شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ يەنە قاينىتىپ، تۇخۇمنىڭ رەڭگى جاڭيۇنىڭ رەڭگىگە كىرگەندىن كېيىن، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىردىن تۇخۇمنى يېرىم ئاي ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى ۋە ئاشقازان راكىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر كىلوگرام ياڭاق نوتىسىغا تەڭ مىقداردا سۇ قۇيۇپ، 50 مىللىلىتىر قالغۇچە قاينىتىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 ~ 2 مىللىلىتىر ئىچىپ بەرسە، تۈز ئۈچەي راكىغا مەنپەئەت قىلىدۇ (ئەكسىچە تەسىر كۆرسەتسە كۆك ماش شورپىسى ئىچىش كېرەك). ياڭاق مېغىزى ۋە ناۋاتتىن 65 گرامدىن ئېلىپ، ئالدى بىلەن ياڭاقنى قورۇپ، ئاندىن ناۋات قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ بىر قېتىمدىلا ئىستېمال قىلسا، سۈيدۈك يوللىرىدىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ (ئۈنۈمى كۆرۈلگىچە ياساپ ئىستېمال قىلىش كېرەك). 12 گرام ياڭاق پەردىسىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ياڭاق پوستىنى سوقۇپ مەلھەم قىلىپ، باشنى ئىسسىق سۇ بىلەن پاكىز يۇغاندىن چېپىپ بەرسە، باش تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل ياڭاق پوستىنى يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، نېرۋا خاراكتېرلىك تېرە ياللۇغى ۋە تەڭگىسىمان تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ياڭاق | UyghurWiki | UyghurWiki