UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىبۇغىتاپان

بۇغىتاپان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ بۇغىتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، بۇغىتاپانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 ~ 25 سانتىمېتىر كېلىدۇ. تۈۋىدىكى يوپۇرماقلىرى توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن، شەكلى يۇمىلاق، قاتتىق قېلىن بولىدۇ؛ گۈل شېخى يالغۇز تىك ئۆسىدۇ، گۈلى ئاق بولۇپ، غولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا توپلىشىپ ئومۇمىي گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈل كاسسىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ، غوزا مېۋىسى شارسىمان كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئالتىنچى، سەككىزىنچى ئايلاردا يىغىۋېلىپ، يۇيۇپ پاكىزلاپ، يوپۇرمىقى يۇمشىغانغا قەدەر ئاپتاپقا سېلىپ بىر جايغا يىغىپ قىزدۇرۇپ، ئاندىن يەنە يېيىپ يوپۇرماقلىرى بېغىررەڭ تۈسكە كىرگىچە قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىكى تاغ ئورمانلىرىنىڭ نەم ۋە سايە يەرلىرىدە ئۆسىدۇ. قۇرۇق سوغۇق. پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، رېماتىزمنى ياخشىلاش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 16 گرام بۇغىتاپاننى 15 گرام بايناق، 12 گرام ياۋا كەشمىر بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى، رېماتوئىدلىق بوغۇم ياللۇغى، بوغۇم ئاغرىقى ۋە بەل، پۇت ماغدۇرسىزلىنىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇغىتاپان ۋە گۈلسامساقتىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلىدىكى قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام بۇغىتاپاننى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ. بۇغىتاپاننى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ تېڭىپ بەرسە، سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى