UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقارىياغاچ

قارىياغاچ

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ قارىغاي ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، قارىياغاچقا ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى قىسقا ساپلىق كېلىدۇ. قاناتلىق مېۋىسى تەتۈر تۇخۇم شەكلىدە بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستىكى، قوۋزىقى، يوپۇرمىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پوستىكىنى باھاردا تېخى سارغايمىغاندا يىغىپ تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ يوپۇرمىقىنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ؛ قوۋزىقىنى خالىغان ۋاقىتتا يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ، دەرەخنى چاتىغاندا ياكى كەسكەندە قوۋزىقىنى سويۇۋېلىپ، سىرتىدىكى يىرىك قوۋزاقنى تازىلىۋېتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يىپسىمان قىلىپ توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. تىنچلاندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، كۆيۈكنى داۋالاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ قارىياغاچ پوستىكى 4 ~ 12 گرام، قارىياغاچ قوۋزىقى، يوپۇرمىقى 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. قارىياغاچ، تېرەك، سۆگەتلەرنىڭ يۇمران يىلتىزىنىڭ ئاق قوۋزىقىدىن 35 ~ 70 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاۋاز پۈتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. قارىياغاچ قوۋزىقى، ئاق تېرەك يوپۇرمىقى، سۆك ئۇنى ياكى قارا بۇغداي ئۇنىدىن تەڭ مىقداردا، كۆيدۈرۈپ قىرغان بۇقا مۈڭگۈزىدىن بىر تال، كاۋاۋىچىندىن يەتتە تال ئېلىپ، ھەممىسىنى بىرلىكتە يۇمشاق سوقۇپ، ئاچچىقسۇ بىلەن مەلھەم ياساپ، داكىغا سۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈرۈپ تېڭىپ، سىرتىدىن تاختا بىلەن بېكىتىۋەتسە، ھەرخىل سۇنۇقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قارا ياغاچ قوۋزىقى (ياكى يوپۇرمىقى) 12 ~ 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئاق خۇن كۆپ كېلىش ۋە ھەرخىل ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. قارىياغاچ قوۋزىقىنىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قورۇپ، ئۇنىڭغا مامرانچىن، زىرىق (ھەرقايسىسىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارى قارىياغاچ قوۋزىقىنىڭ 14گە تەڭ) قوشۇپ، يۇمشاق سوقۇپ،% 60 لىك ئىسپىرتقا چىلاپ (ئىسپىرت ئىشلىتىش مىقدارى دورىنىڭ يۈزىدىن بىر سانتىمېتىر ئېگىز بولۇشى كېرەك)، 24 سائەتتىن كېيىن سۇيۇقلۇقىنى سىقىپ ئېلىپ، سۈزۈپ، ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى دورا سۇيۇقلۇقىنى قاينىتىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، كۆيۈك يارىسىنىڭ يۇقۇملىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ."
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى