يېكەن سېرىقى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ يېكەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ئېگىز ئۆسىدىغان سامان غوللۇق، يېكەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى - ئۈچ مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى يوغان، توغرىسىغا ئۆسىدۇ، بوغۇملىرىدا چاچما يىلتىزلىرى بولىدۇ، غولى تاق ۋە تىك ئۆسىدۇ، شەكلى تۈۋرۈكسىمان كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى كەڭ يىپسىمان، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر مېتىر، تۈۋى قىسمى غىلاپسىمان بولۇپ، غولىنى يۆگەپ تۇرىدۇ، كانايغا ئوخشايدۇ؛ گۈلى تاق جىنسلىق، ئاتىلىق گۈلى بىلەن ئانىلىق گۈلى بىر تۈپتە بولىدۇ. ئاتىلىق گۈلى گۈل سېپىنىڭ ئۇچىدا بولۇپ، رەڭگى سېرىق، باشاقسىمان بولىدۇ. ئانىلىق گۈلى ئۇنىڭ ئاستىدا بولۇپ، رەڭگى سارغۇچ قوڭۇر، شەكلى كالتەككە ئوخشايدۇ. پىشقاندا شامغا ئوخشاش بولۇپ، ئادەتتە توزغاق دېيىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل چېڭى (يېكەن سېرىقى) ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى يېڭى ئېچىلغاندا ئاتىلىق گۈل رېتىنى كېسىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يانجىپ، تاسقاپ گۈل چېڭىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ خام ياكى قورۇپ كۆمۈرلەندۈرۈپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆل بويلىرى، دەريالارنىڭ سۇ توختاپ قالغان يەرلىرىدە، بولۇپمۇ باغراش كۆلى، ئىلى دەريا ۋادىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، ئۇيۇپ قالغان قاننى تارقىتىش، قان توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
سەككىز گرام خام يېكەن سېرىقىنى 12 گرام ئۇچار چاشقان مايىقى، سەككىز گرام تاغ دېنى، بىلەن بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز
ئاغرىتىپ كېلىش ۋە تۇغۇتتىن كېيىن قان تۇرۇپ قېلىش سەۋەبلىك قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام يېكەن سېرىقىنىڭ كۆمۈرىنى 20 گرام قورۇپ سارغايتىلغان ئارچا يوپۇرمىقى ۋە 15 گرام قورۇلغان كەتىرا بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ،
تالقان قىلىپ ئىككىگە بۆلۈپ قايناق سۇ بىلەن ئىچسە، بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان قانىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
سەككىز گرام قورۇلغان يېكەن سېرىقىنى 21 گرام مودەن يىلتىز پوستى، 10 گرام خام ئەگرىسۇنا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە،
قان قۇسۇش ۋە بۇرۇن قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام يېكەن سېرىقىنى 12 گرام شاپتۇل مېغىزى، 10 گرام كىرەش، ئالتە گرام زاراڭزا چېچىكى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، ھەرخىل زەخىملىنىش، قان ئۇيۇپ قېلىش ۋە كۆكىرىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
يېكەن سېرىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇپ، ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، كۆيۈك ۋە
سىرتقى زەخىملىنىشتىن بولغان قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.