ياۋا رەيھان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كالپۇكسىمان گۈللەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، ياۋا رەيھانغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ، خۇشبۇي پۇراقلىق؛ غولى تىك ئۆسكەن، تۆت قىرلىق بولۇپ، ئىككى تەرەپكە ئوخشاش شاخلايدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن، سېپى بار، تېمىنە شەكىلدە، ئۇچى ئۇچلۇق، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان، يوپۇرماقنىڭ دۈمبىسى سەل سۆسۈن رەڭدە كېلىدۇ؛ گۈل رېتى باشاقسىمان بولۇپ، ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇچىدا تۈۋرۈكسىمان شەكىلدە ئۆسىدۇ، گۈلى سۇس سۆسۈن رەڭدە بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسلىدە، گۈلى دەسلەپ ئېچىلغاندا ئورۇۋېلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ، باغلاپ، ئۇششاق چاناپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى دەريا ۋادىلىرى ۋە ئېرىق بويلىرى قاتارلىق نەم يەرلەردە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئىسسىق ئۆتۈشنى قايتۇرۇش، تەرلىتىش، ھۆللۈكنى قايتۇرۇش، سۇيۇقلۇقنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
ياۋا رەيھاندىن 12 گرام، تەسۋىقوناقتىن 10 گرام، نوقۇتتىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان زۇكامغا
مەنپەئەت قىلىدۇ.
ياۋا رەيھان، بايناقنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى ياۋا رەيھاننى ئېزىپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈشنى قايتۇرىدۇ.