UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىقارىئۆرۈك

قارىئۆرۈك

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى، ئەينۇلاغا ئۇرۇقداش چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن بولۇپ، يوپۇرماق سېپىدا ئاق تۈكلەر بولىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇمسىمان ياكى سوقىچاق، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشسىمان كېلىدۇ؛ گۈلى ئاق، گۈلتاجىسى بەش، ئۈچكىلىك مېۋىسى سوقىچاق، رەڭگى قارامتۇل سۆسۈن، ئۈچكىسى كىچىكرەك، تەمى چۈچۈمەل بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ، ئاپتاپقا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كۆپ ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. چوڭ تەرەتنى بوشىتىش، قان سەپرانىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ئاغرىق پەسەيتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىق تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. 12 گرام قارىئۆرۈكنى 12 گرام سوغىگۈل، 10 گرام پاقىيوپۇرمىقى، تۆت گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام قارىئۆرۈكنى ئىككى گرام قارا ئەندىز، ئۈچ گرام زىرىق يىلتىز پوستى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاق ئۇزۇنغا سوزۇلۇش سەۋەبىدىن سوڭى چىقىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. قارىئۆرۈكتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى قارىئۆرۈكنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى