UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىچىپار ئوت

چىپار ئوت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ تۈلكە مايىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چىپار ئوتقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 ~ 16 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى بىر تال، تىك ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ غولىنىڭ تۈۋى ئەتلىك بولۇپ، سەل يەر بېغىرلايدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، تۈۋىدە ئۆسكەن يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق بولۇپ، يۈزىدە قارامتۇل، يېشىل رەڭلىك رەتسىز داغلىرى بولىدۇ؛ غولىنىڭ يۇقىرىسىدىكى يوپۇرماقلار كىچىكلەپ غىلاپقا ئۆزگىرىپ، غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ. گۈلى سۆسۈن، سېرىق، كۆپىنچە بىر تەرەپكە جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي گۈل رېتىدە كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. ھارارەتنى پەسەيتىش، زەھەر تارقىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ھۆل چىپار ئوتنى سوقۇپ، ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى چىپار ئوتقا ئۇچقاتتىن 15 گرام، يىزىخۇدىن سەككىز گرام قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 8 ~ 20 گرام چىپار ئوتنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چىپار ئوتتىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ھەرخىل ئىششىقلارنى ياندۇرىدۇ. چىپار ئوتتىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، غەلۋىرەك ۋە ھەرخىل چاقىلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 30 گرام چىپار ئوتنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان ئۆپكە سىلى ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. چىپار ئوتنى مۇناسىپ دورىلار بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك يىلان چېقىۋېلىش، غەلۋىرەك، چاقا، ئۆپكە سىلى ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
چىپار ئوت | UyghurWiki | UyghurWiki