چېتىن
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، چېتىنگە ئۇرۇقداش دەرەخ
بولۇپ، ئېگىزلىكى 3 ~ 5 مېتىر كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، قىسقا شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا توپلىشىپ
ئۆسىدۇ، كىچىك يوپۇرماقلىرى ئادەتتە 11 ~ 15 پارچە بولۇپ، شەكلى تېمىنىگە ئوخشايدۇ، تۈۋى سىلىق، ئوتتۇرا، يۇقىرىقى قىسمى ھەرە
چىشىسىمان كېلىدۇ؛ ئۆگزىسىمان گۈل رېتى قىسقا شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئۆسىدۇ. مېۋىسى شارسىمان، قىزىل كېلىدۇ، ئۇچىدا ئادەتتە گۈل
كاسسىسى ساقلىنىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يۇمران شېخى، قوۋزىقى ۋە مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى تاغ باغرى، ئورمانلىق ۋە
ئورمانلىق چەتلىرىدە ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ئۆپكىنى تازىلاش، يۆتەل توختىتىش، تالنىڭ خىزمىتىنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مېۋىسى 35 ~ 70 گرام، يۇمران شېخى ۋە قوۋزىقى 12 ~ 20 گرام
ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چېتىن مېۋىسىدىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، زىققە ۋە ئاشقازان ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چېتىن يۇمران شېخىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال ئاجىزلىقى ۋە ئۆپكە سىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چېتىن قوۋزىقىدىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە سىلى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.