UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىماھۇدانە

ماھۇدانە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۈتلۈكئوت ئائىلىسىدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئىنەكپىتىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنى بىر مېتىر 20 سانتىمېتىر، توملۇقى كىچىك قولدەك كېلىدۇ. تېنىنىڭ يوپۇرمىقى ئۇزۇن بولۇپ، بادامنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ، شاخلىرى، يوپۇرماقلىرى ئۇششاق، يۇمىلاققا مايىل، ئۇزۇن زىراۋەندىنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. گۈلى سېرىق، مېۋىسى پەتەڭگانغا ئوخشاش سوقىچاق غىلاپنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. ھەربىر غىلاپنىڭ ئىچىدە ئايرىم - ئايرىم ئۈچ دانە ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ چوڭلۇقى كاسىنە ئۇرۇقىدىن چوڭراق كېلىدۇ. دانىسىنىڭ پوستى توپا رەڭ، قىزىل تەرەپكە مايىل، ئۇرۇقىنىڭ مېغىزى ئاق، تەمى تاتلىق، ياغىچى، يىلتىزى ئىنچىكە بولىدۇ. قۇۋۋىتى ئىككى يىلغىچە تۇرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى، مېغىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز پەسلىدە، ئۇرۇقى، يوپۇرمىقى ۋە مېغىزىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. سۈتىنىڭ تەبىئىتى ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق، يوپۇرمىقى، ئۇرۇقىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق. ئىچنى سۈرۈش، بەلغەم بوشىتىش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 3 ~ 8 تال، يوپۇرمىقىدىن 10 ~ 15 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ماھۇدانىنىڭ يوپۇرمىقىنى قېرى خورازنىڭ گۆشى بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قۇلۇنجى ۋە رېماتىزم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ماھۇدانىنىڭ ئۇرۇقىنى ئېزىپ سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئىچ سۈرىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ماھۇدانە مېغىزىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناقسۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈك تۇتۇلۇش ۋە ھەرخىل يەل كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى