UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئىزغۇل

ئىزغۇل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئىزغۇلغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 80 ~ 180 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى تىك تۈۋرۈكسىمان، رەڭگى قارامتۇل قوڭۇر، قورۇقلىرى بار، غولى تىك ئۆسكەن، ئوتتۇرىسى كاۋاك؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى ئۇزۇن، تۈۋىدىكى يوپۇرمىقىنىڭ غىلىپى چوڭايغان، سىلىق، تۈكسىز بولۇپ، غولىنى ئوراپ تۇرىدۇ؛ يوپۇرمىقى چوڭ، ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان، تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقچىسى سوقىچاق، تۇخۇمسىمان ياكى كەڭ تېمىنەسىمان، گىرۋىكى دۈگىلەك ھەرە چىشىسىمان ياكى شالاڭ ھەرە چىشىسىمان چوڭقۇر يېرىلغان بولۇپ، ئۇچى تەرىپى تەدرىجىي ئۇچلانغان بولىدۇ؛ گۈل رېتى مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، ئومۇم گۈل سېپى سىلىق، تۈكسىز، گۈلى ئاق ياكى سۇس سېرىق رەڭلىك بولىدۇ. مېۋىسى قوش ئاسما ھالەتتە بولۇپ، شەكلى تۇخۇمسىمان، ياپىلاق، قاناتلىق، رەڭگى جىگەر رەڭ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىياز ۋە كۈز پەسىللىرى كولىۋېلىپ، لايلىرىنى تازىلاپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تولۇق نەمدەپ، نېپىز كېسىپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمانلىق، چاتقاللىق ۋە نەم، مۇنبەت دەريا ۋادىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. تەرلىتىش، يەل ھەيدەش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. سەككىز گرام ئىزغۇلنى 12 گرام كەۋرەك، 10 گرام بەيجژ بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 140 گرام ئىزغۇلنى 140 گرام تەسۋىقوناق، 180 گرام چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، 100 گرام كەتىرا، 105 گرام كىرەش، 100 گرام ئۈجمە شېخى بىلەن بىللە يۇمشاق سوقۇپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئىزغۇلنى 12 گرام چوڭ يوپۇرماقلىق جىنتىيانا، 10 گرام تاغ دىنى، 20 گرام قىزىل چۇغلۇق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئولتۇرغۇچ نېرۋا ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
ئىزغۇل | UyghurWiki | UyghurWiki