قارا قوغۇر
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قارا قوغۇرغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 60 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يوپۇرمىقى تۈۋىدىن ئۆسىدۇ، سېپى ئۇزۇن؛ يوپۇرمىقى ئىككى - ئۈچ قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، يوپۇرماق گىرۋىكى رەتسىز تېيىز ياكى چوڭقۇر يېرىلغان، ئارقا تەرىپىدە ئاق ئۇپا ماددىلىرى بار؛ گۈل شېخى يوپۇرماق تۈۋىدىن چىقىدۇ؛ گۈلى ئۇچىدا بولىدۇ، رەڭگى قىزغۇچ سۆسۈن كېلىدۇ، ھەربىر گۈل تاجى ياپرىقى ئارقىغا ئىلمەككە ئوخشاش قايرىلىدۇ، غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بەش دانە بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ، پاكىز تازىلاپ، توغراپ قازانغا سېلىپ، سۇنى دورىنىڭ ئۈستىگە ئىككى ئىلىك كەلگۈچە قۇيۇپ، بىر - ئىككى سائەت قاينىتىپ، دورا سۇيۇقلۇقىنى ئېلىپ، قۇيۇلدۇرۇپ،
قارامتۇل مەلھەم تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئېگىز تاغلىقلارنىڭ ئورمانلىقلىرى ۋە يول بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
ھەيزنى تەڭشەش، قاننى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مەلھىمى 4 ~ 8 گرام، يوپۇرمىقى 21 ~ 20 گرام ئەتراپىدا
ئىشلىتىلىدۇ
قارا قوغۇر مەلھىمىدىن 4 ~ 8 گرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز قالايمىقانلىشىش، قورساق ئاغرىقى ۋە بالىياتقۇنىڭ پائالىيەتچان
قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھۆل قارا قوغۇردىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قورساق ئاغرىقى ۋە ھەيز قالايمىقانلىشىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا قوغۇر يوپۇرمىقىنى يۇمشاق سوقۇپ، قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە بالىياتقۇنىڭ
پائالىيەتچان قانىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.