دۇدارتسىيە
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چوقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، دۇدارتسىيىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، ئېگىزلىكى 25 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى چىۋىقتەك ئۇزۇن بولۇپ، سەل ئېگىلىپ سازاڭغا ئوخشايدۇ، توپا رەڭدە بولىدۇ، غولى
تىك، كۆپ شاخلايدۇ؛ يوپۇرماقلىرى يىگلەپ كەتكەن، كىچىك يىپقا ئوخشايدۇ ياكى سەل كەڭرى بولۇپ، چىشسىمان كەمتۈكلەر بولىدۇ، تۆۋەن
قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، يۇقىرى قىسمىدىكىلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى شالاڭ، شاخلىرىنىڭ يۇقىرى
قىسمىغا جايلاشقان، گۈلى ئىككى كالپۇكسىمان، قىزغۇچ سۆسۈن رەڭدە كېلىدۇ؛ غوزا مېۋىسى يۇمىلاقراق بولۇپ، پىشقاندا يېرىلىدۇ، ئۇرۇقى
ئۇششاق، كۆپ بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە ئورۇۋېلىپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا
ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىزلىق، دالا ۋە يول
بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇق سوغۇق.
قىزىتمىنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 12 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
دۇرداتسىيىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغى، بادامسىمان بەز ياللۇغى ۋە كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام دۇرداتسىيىنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تولغاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى دۇرداتسىيىنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى پەسەيتىدۇ.
دۇرداتسىيىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ تالقان قىلىپ، يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، ھەرخىل سىرتقى زەخىملەرنىڭ
ياللۇغىنى ياندۇرىدۇ.