UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىنوقۇت

نوقۇت

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ پۇرچاق ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، كۆك ماشقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق؛ كىچىك يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان؛ گۈلى ئاق ياكى سۇس بېغىررەڭ؛ مېۋىسى چوكا مېۋە؛ ئۇرۇقى سەل شار شەكلىدە. يۇمران چوكا مېۋىسىنى ۋە ئۇرۇقىنى ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. باھنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، تېرىگە جۇلا بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. نوقۇت ئۇنىدا ھالۋا ئېتىپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ. نوقۇت ئۇنىنى سۇغا چېلىپ، سۈزۈلگەن سۈيىنى كۈنىگە 2 ~ 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 15 ~ 30 گرامدىن ئىچىپ بەرسە، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ، سۈيدۈك يولىنى تازىلايدۇ. نوقۇتنى ئاخشىمى سۇغا چىلاپ قويۇپ، ئەتىگىنى يۇمشىغاندا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلسا ۋە سۈيىگە ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئاۋازنى ياخشىلاپ، سۈيدۈك ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ. نوقۇتنى سۇدا ئېزىپ ئىچىپ بەرسە، سۆزنەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. نوقۇت ئۇنىنى سۇغا چېلىپ مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، قۇرۇق ۋە ھۆل قىچىشقاقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. نوقۇت ئۇنىنى سۇغا چېلىپ، سۈيىدە يۈز ۋە چاچنى يۇيۇپ بەرسە، چىراينى پارقىرىتىپ، چاچ چۈشۈشنى توسىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
نوقۇت | UyghurWiki | UyghurWiki