كۆكسۇلتان
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئازغان ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ بولۇپ، شاخچىلىرى
تۈكسىز، سارغۇچ قىزىل رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرمىقى سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان، ئۇچى قىسقا، كەينى
ئىنچىكە، ئاساسىي قىسمى شىنا شەكىللىك، گىرۋەكلىرى ھەرە چىشى شەكىللىك، كۆچەت ۋاقتىدا چىشلىرى ئۇچىدا تۈگۈرچەك بولىدۇ؛ گۈلى ئاق
رەڭلىك، ئۇچى بىر توپ بولۇپ ئۆسىدۇ، گۈل چىنىسى كانايسىمان، گۈل چىنىسى، يوپۇرماقچىسى ۋە گۈل بەرگى ھەممىسى بەشتىن، گۈل بەرگى
سوزۇنچاق تەتۈر تۇخۇمسىمان؛ مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق شەكىللىك، بويىغا چوڭقۇر ئىز بار بولۇپ، سېرىق، يېشىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن
رەڭلىك، پارقىراق كېلىدۇ؛ ئۈچكىسىدە ئۇششاق قورۇقلار بار.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە دەرەخ يېلىمى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى تازا پىشقاندا، يىلتىزى، يوپۇرمىقى ۋە يېلىمىنى كەچ ياز ۋە كۈز
پەسىللىرىدە يىغىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
سەپرادىن بولغان قىزىتمىنى پەسەيتىش، قەينى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
كۆكسۇلتان مېۋىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان يۆتەل، قۇرۇقلۇقتىن بولغان تەپكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
كۇكسۇلتان يوپۇرمىقىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى ئىچىپ بەرسە، ئۈچەيدىكى قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.
كۆكسۇلتان يېلىمىنى چاچقا چېپىپ بەرسە، چاچنى كۆپەيتىپ، پارقىرىتىدۇ.