تاغ ئىتئۈزۈمى
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق بېغىرلاپ پېلەك تارتىپ ئۆسىدىغان، پېدىگەنگە
ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدۇ، رەڭگى سۇس جىگەر رەڭدە، يۇمران شېخى يېشىل؛ يوپۇرمىقى
ئاددىي يوپۇرماق، نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان سوقىچاق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ، ئالدى ئۇچى
قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق بولىدۇ؛ مۇرەككەپ چەكلىك گۈل رېتى غولىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا يان تەرەپتىن ئۆسۈپ، يوپۇرمىقىغا ئۇدۇلراق جايلىشىدۇ؛
گۈلىنىڭ رەڭگى كۆكۈش سۆسۈن بولۇپ، مېۋىسى شىرنىلىك، سوقىچاق، پىشقاندا قىزىرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى كۈزد پەسلىدە يىغىۋېلىپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاتقاللىق ۋە ئېرىق -
ئۆستەڭ بويلىرىدىكى ئوت - چۆپ ئارىسىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئاغرىق توختىتىش، ئىششىقلارنى
تارقىتىش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 35 ~ 70 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تاغ ئىتئۈزۈمى ۋە ئىتئۈزۈمىنىڭ ھەر بىرىدىن 35 گرامدىن، بۆلجۈرگەندىن 20 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل راك
كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام تاغ ئىتئۈزۈمىنى 35 گرام قىل يوپۇرماقلىق ئەمەن، 20 گرام پاقىيوپۇرمىقى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سېرىقلىق
چۈشۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
تاغ ئىتئۈزۈمىدىن 20 ~ 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى تاغ ئىتئۈزۈمىنى قاينىتىپ، بەدەننى يۇيۇپ بەرسە، قىچىشقاققا مەنپەئەت قىلىدۇ.