غول ئورايدىغان چىڭگىلىك
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چىڭگىلىك ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، غول ئورايدىغان چىڭگىلىككە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 40 ~ 80 سانتىمېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ. يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ساپسىز، شەكلى يېرىم دۈگىلەك ياكى يۈرەك شەكلىدە، تولۇق گىرۋەكلىك كېلىدۇ؛ چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، سۇس سۆسۈن رەڭلىك، غۇنچە شەكىللىك، مېۋىسى كونۇسقا ئوخشايدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ئەتىيازدا، كۈزدە كولىۋېلىپ، تازىلاپ، نەملەپ، يالپاقلاپ، قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خوتەن، يەكەن قاتارلىق جايلىرىدىكى قۇم دۆۋىلىرى، ئويمانلىق ۋە ئېتىز ياقىلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ.
قۇرۇق ئىسسىق.
يەل ھەيدەش، زەھەر تارقىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 2 ~ 4 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
غول ئورايدىغان چىڭگىلىكتىن 35 گرام ئېلىپ قاينىتىپ، ئۇنىڭغا رەيھان شەربىتىدىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى غول ئورايدىغان چىڭگىلىكنى يۇمشاق سوقۇپ، ئۇنىڭغا ھەسەل ياكى تۇخۇم ئېقى ئارىلاشتۇرپ، يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چىيقان چىقىپ قىزىرىپ ئىششىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
غول ئورايدىغان چىڭگىلىكنى يۇمشاق سوقۇپ، زىغىر يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ بەرسە، ھۆل تەمرەتكىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
غول ئورايدىغان چىڭگىلىكنى بۇغىتاپان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر سېرىقلىق چۈشۈش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغى، ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغى، باشنىڭ بىر تەرىپى ئاغرىش، بۇرۇن قاناش، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش، يىقىلىپ زەخىملىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.