UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۆگەتگۈل

سۆگەتگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ سۆگەتگۈل ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان، سۆگەتكە ئۇرۇقداش چاتقال ياكى دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى ئىككى مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. يوپۇرمىقى ئىنچىكە، ئۇچى يۇقىرى تەرەپكە قاراپ تۇرىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمېتىرغىچە بولۇپ، يوپۇرمىقىنىڭ چۆرىسىدە چىشى بولمايدۇ. شەكلى سۆگەتنىڭ يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. بىر ئاز قېلىن، قاتتىق، سىلىق، بەتبۇي، ئاچچىق، ئۆتكۈر بولىدۇ. گۈلى چىرايلىق، ئاق ياكى قىزىل ئېچىلىدۇ. مېۋىسى ياپىلاق، ئۇزۇن، قاتتىق بولۇپ، ئىچى يۇڭغا ئوخشاش نەرسە بىلەن تولغان. يىلتىزى ئۇزۇن، ئىنچىكە، تەمى تۇزلۇق، رەڭگى قىزىلغا مايىل، بىر يىلنىڭ ھەممە پەسلىدە دېگۈدەك گۈللەپ تۇرىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تازا باراقلىغان ۋاقتىدا يوپۇرمىقىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ماددىلارنى تارقىتىش، پارقىرىتىش، قان تازىلاش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، باھنى كۈچلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 5.0 ~ 5.1 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى شاراب بىلەن ئەنجۈردە قاينىتىپ سۈيىدىن 15 گرامنى كالا قېتىقى بىلەن ئىچىپ بەرسە، زەھەرلىك ھاشاراتلارنىڭ زەھىرىنى پەسەيتىدۇ (ھايۋانلارغىمۇ شۇ تەسىرنى بېرىدۇ). سۆگەتگۈلنىڭ يوپۇرمىقىنى پىشۇرۇپ خېمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، سوزۇلما بەل ئاغرىقى، يانپاش ئاغرىقىقىچىشقاق، قارا داغ قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى ئېزىپ زەخىملەرگە سېپىپ بەرسە، زەخىملەرنى پۈتتۈرىدۇ. سۆگەتگۈلنىڭ قۇرۇق يوپۇرمىقىنى ھەمەل قىلىپ بەرسە، بالىياتقۇ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى