UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىكۈل رەڭ ئەمەن

كۈل رەڭ ئەمەن

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، ئەمەنگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 ~ 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ پۈتۈن تېنىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ؛ غولى تىك، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئېرىقچىلىرى بار، كۆپ شاخلىنىدۇ، رەڭگى سۆسۈن ياكى سارغۇچ يېشىل بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى يوق، تولۇق گىرۋەكلىك يىپسىمان تېمىنە شەكىللىك يوپۇرماق؛ گۈل رېتى باشسىمان مۇرەككەپ ئومۇم گۈل رېتى بولۇپ تىزىلىدۇ؛ گۈلى نەيسىمان، رەڭگى سېرىق. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە گۈلى ئېچىلىشتىن ئىلگىرى يەر ئۈستى قىسمىنى ئورىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇچۇڭ، فۇكاڭ قاتارلىق جايلىرىدىكى ئېگىز تاغلارنىڭ كۈنگەي باغرىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. سوغۇق يەلنى تارقىتىش، يۆتەل توختىتىش، ئىششىق ياندۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. كۈل رەڭ ئەمەن 35 ~ 70 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 20 گرام كۈل رەڭ ئەمەننى تۆت گرام چاكاندا، سەككىز گرام كىچىك يوپۇرماقلىق سۈزە، ئالتە گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكامدىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى كۈل رەڭ ئەمەننى دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، بەدەندىكى سوغۇقلۇقنى ھەيدەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
كۈل رەڭ ئەمەن | UyghurWiki | UyghurWiki