UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيۇلتۇزگۈل

يۇلتۇزگۈل

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يۇلتۇزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 30 ~ 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى كۆپ تارماقلارغا بۆلۈنگەن، غولى كۆپ بولۇپ، تۈۋىدىن شاخلايدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، سېپى يوق، ئىنچىكە - ئۇزۇن، تولۇق گىرۋەكلىك؛ باشسىمان گۈل رېتى شاخنىڭ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، ئەتراپىدىكى گۈللىرى تىلسىمان گۈل بولۇپ، رەڭگى سۇس سۆسۈن، ئوتتۇرىدىكى گۈللىرى نەيچىسىمان گۈل بولۇپ، رەڭگى سۇس سۆسۈن، ئوتتۇرىدىكى گۈللىرى نەيچىسىمان گۈل بولۇپ، رەڭگى سېرىق؛ مېۋىسى ئورۇق، ياپىلاق كېلىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى، يىلتىز بويۇنى ۋە يەر ئۈستى قىسمى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كولىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، يەر ئۈستى قىسمىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پەس، قۇرغاق تاغ باغرى ۋە يول ياقىلىرىدا ئۆسىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق. ھۆللۈكنى تارقىتىش، ئۆپكىنى بوشىتىش، دەم سىقىلىشنى بېسىش، بەلغەم بوشىتىش، يۆتەل توختىتىش، سۈيدۈك راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. يۇلتۇزگۈل، ئەينۇلا، گۈلسامساقلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام يۇلتۇزگۈلنى 10 گرام سوغىگۈل، سەككىز گرام ۋاسىتىلىك ئېرىتىلگەن ئېشەك يېلىمى، يەتتە گرام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە سىلدىن بولغان يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ. يۇلتۇزگۈل، تەڭگىيوپۇرماق ۋە ئۆرۈك مېغىزىنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، ئۇنىڭغا سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا قوشۇپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى