UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىيەر مەرىزى

يەر مەرىزى

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ يەر مەدىكى ئائىلىسىدىكى، يەر مەدىكىگە ئۇرۇقداش، تېنى گۆشلەشكەن، پارازىت ياشايدىغان سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، رەڭگى تۇتۇق قىزىل، يوپۇرماقلىرى رودېمېنتلىشىپ تەڭگىچە يوپۇرماققا ئايلانغان بولىدۇ. گۈللىرى ئۇچىدا ئۆسىدۇ، چۆلدىكى ھەرخىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يېنىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. گۆشلەشكەن غولىدا كراخمال مول بولۇپ، خام ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن تېنى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ياز پەسلىدە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق. ئىچ سۈرۈش ۋە قاناشنى توختىتىش، جىگەر ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي، مۇسكۇللارنى چىڭىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ. يەر مەرىزىنىڭ سۈيىنى كۆزگە تېمىتىپ بەرسە، كۆزدىكى ئاقنى ئالىدۇ. ھۆل يەر مەرىزىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە سۈرمە چىلاپ، ئاندىن ئېزىپ پىلتىكۈچتە كۆزگە تارتىپ بەرسە، كىرپىكلەرنى مۇستەھكەم قىلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى زىيادە قىلىدۇ؛ كۆزگە مېڭە تەرەپتىن چۈشىدىغان سۇيۇقلۇقنى توسىدۇ. يەر مەرىزىنىڭ قۇرۇقىنى ئېزىپ، سۇ بىلەن باشقا چېپىپ بەرسە، باشنىڭ ئاغرىقلىرىنى توسىدۇ. يەر مەرىزىنىڭ قۇرۇقىنى ئېزىپ سىركە ۋە بېلىق يېلىمى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، كىچىك بالىلارنىڭ كىندىكى چىقىپ قېلىش ۋە پەتەق كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ھۆل يەر مەرىزىنى قورۇپ تۇز، قارىمۇچ بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كىچىك بالىلارنىڭ كىندىكى چىقىپ قېلىشىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى