UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىئۆشنە

ئۆشنە

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ ئۆشنە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ئۆشنىگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، شاخچىلىرى ئىنچىكە ئۇزۇن، قارىغاي ياكى شەمشات شاخلىرىغا خۇددى توردەك ئارتىلىپ ئۆسىدۇ؛ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى كۈل رەڭ يېشىل، ئۈزۈلگەندە پاختا تېۋىتلىرىغا ئوخشاش تېۋىتچىلىرى كۆرۈنىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز، كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى ئورمانلىقلاردا دەرەخلەرگە يېپىشىپ ئۆسىدۇ. ھۆل سوغۇق. تۇتۇش، ماددىلارنى تارقىتىش، يۈرەك ۋە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، چىرىشكە قارشى تۇرۇش، ئاغرىق توختىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 5 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئۆشنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سوقۇپ سۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىق يەرگە چېپىپ بەرسە، بويۇن لىمفا بەز ياللۇغى ۋە سۈت بېزى ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆشنىنى قاينىتىپ سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، سۈت بېزى ياللۇغى ۋە بويۇن لىمفا بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆشنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، ھەرخىل جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. ئۆشنىدىن 28 گرام، قارىغاي مېۋىسىدىن 12 گرام، يالپۇزدىن 10 گرام ئېلىپ، قارىغاي مېۋىسىنى پاكىزە يۇيۇپ، بىر لېتىر سۇ قوشۇپ ئۈچ - تۆت سائەت قايناتقاندىن كېيىن ئۈستىگە ئۆشنە بىلەن يالپۇزنى سېلىپ، يەنە يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە قاينىتىپ سۈزۈلدۈرۈپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. ئۆشنىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ، يۇيۇپ بەرسە، يانپاش ئاغرىقى، بەل ئاغرىقى، رېماتىزم، قاتتىق ئىششىق، بالىياتقۇ ئاغرىقى ۋە ھەيز نورمالسىزلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. مۇۋاپىق مىقداردىكى ئۆشنىنى يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، قولتۇققا سېپىپ بەرسە، قولتۇق پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى