سېسىق لويلا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ لويلا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، لويلىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، تېنىدە بەز تۈكلىرى ۋە ئالاھىدە پۇرىقى بولىدۇ، ئېگىزلىكى 20 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ، غولى تىك بولۇپ كۆپ شاخلىنىدۇ، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى ئۇزۇنچاق يۇمىلاق، پەيسىمان يېرىلغان، گۈل رېتى كۆپلىگەن باشاقسىمان گۈل رەتلىرىدىن شەكىللەنگەن چوڭ كونۇسسىمان گۈل رېتىنى ھاسىل قىلىدۇ. گۈلىنىڭ رەڭگى ئاقۇچ يېشىل بولىدۇ، مېۋىسى گۈل كاسسىغا ئورالغان، ئۇرۇقى ياپىلاق ياكى يۇمىلاقراق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى ياز پەسلىدە يىغىۋېلىپ، سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىنام، يول بويلىرى ۋە دالىلاردا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
تەمرەتكىنى چۈشۈرۈش، ھاشارات ئۆلتۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
سېسىق لويلىنى سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئاياغ تەمرەتكىسىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
سېسىق لويلىنىڭ ھۆل چۆپىنى توغراپ ھاجەتخانا ۋە پاشا - چىۋىن ئولىشىدىغان جايغا چېچىپ قويسا، پاشا - چىۋىننى قورۇيدۇ.
سېسىق لويلىنىڭ ھۆل چۆپىنى يېمەك - ئىچمەك بار ئورۇنغا ئېسىپ قويسا، يېمەك - ئىچمەكلەرنى ھاشاراتلارنىڭ قونۇپ قويۇشىدىن ساقلايدۇ.