UyghurWiki
UyghurWikiشىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرىسۆرۈنجان

سۆرۈنجان

شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى بۇ گۈلسامساق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق، نەغەزگۈلگە ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك. يەر ئاستىدا تۇخۇمسىمان تەڭگىچە غولى بولىدۇ. كۈزدە گۈلى ئېچىلىپ، كېيىنكى يىلى يوپۇرماق چىقىرىدۇ. سۆرۈنجان ئادەتتە ھەرخىل بولىدۇ. بىرىنچى خىلى: ئىچى ۋە تېشى ئاق، تەمى تاتلىق، ئىككىنچى خىلى: ئىچى ۋە تېشى سارغۇچ، رەڭگى تۇتۇق، بىر ئاز قىزىلغا مايىل. ئۈچىنچى خىلى: ئىچى ۋە تېشى قارامتۇل، تېشى بەكرەك تۇتۇق، تەمى ئاچچىق بولىدۇ. ئەڭ ياخشىسى بىرىنچى خىلى بولۇپ، كونىراپ قۇرت يېمىگەن، سېسىمىغىنىدۇر. دورىلارغا مۇشۇ بىرىنچى خىلى قوشۇلىدۇ. ئىككىنچى خىلىنىڭ بىر ئاز زەھىرى بار، بولۇپمۇ قارىسىنىڭ زەھىرى ئىككىنچى خىلىدىن زىيادە بولىدۇ. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى خىلى سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ. ئىچىدىن ئىشلەتسە، زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، بۇنىڭ يوپۇرمىقى كۈدە يوپۇرمىقىغا ئوخشايدۇ. كۈدىدىن كۈچلۈكرەك، تېنى بىر غېرىچ كېلىدۇ، گۈلى سېرىق بولۇپ، پارسىدە (شەنبەلت) دېيىلىدۇ. كىچىك زەنبىقگە ئوخشايدۇ، قارىسىنىڭ گۈلى قىزىل بولىدۇ. دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈزگە يېقىن كولاپ يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاغلىق جايلىرىدا كۆپ ئۆسىدۇ، 30 يىل ئەتراپىدا تۇرىدۇ. ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. ئاغرىق توختىتىش، ئىششىق تارقىتىش، بۇزۇق ماددىلارنى سۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، باھنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئەھۋالغا قاراپ 1 ~ 5 ياشقىچە بولغانلارغا يەككە ھالەتتە ياكى زەپەر بىلەن 5.0 ~ 1 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 2.0 ~ 5.0 گرام، 5 ~ 10 ياشقىچە بولغانلارغا 5.0 ~ 1 گرام، 10 ~ 15 ياشقىچە بولغانلارغا 1 ~ 2 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. سۆرۈنجاننى سەبرى بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، يانپاش ئاغرىقى ۋە كىچىك بوغۇملارنىڭ ئاغرىقىنى قالدۇرىدۇ. سۆرۈنجاننى زەنجىۋىل ۋە قارىمۇچ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە باھنى قوزغايدۇ. 5.1 گرام سۆرۈنجاننى زەنجىۋىل، يالپۇز، زىرە بىلەن قوشۇپ، يېڭى سېغىلغان سۈت ۋە شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۈچ كۈن ئىچىپ بەرسە، باھ ئاجىزلىقى، بوغۇم كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆرۈنجاننى زەپەر، توخۇ تۇخۇمى بىلەن زىماد قىلسا، سۆڭەك ئاغرىقى ۋە قاتتىق ئىششىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ. سۆرۈنجاننى مۇسەللەس بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ بەرسە، چوڭ بوغۇملارنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ. سۆرۈنجاننى كونا كالا يېغى ياكى قوي يېغى بىلەن لاتىغا ئوراپ يەرلىك ئورۇنغا قويۇپ بەرسە، بوۋاسىر ئاغرىقىنى پەسەيتىپ، بوۋاسىر تۈگۈنچىلىرىنى چۈشۈرىدۇ. سۆرۈنجاننى سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا سېپىپ بەرسە، جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار شىنجاڭ ئۆسۈملۈكلىرى
سۆرۈنجان | UyghurWiki | UyghurWiki